بىرما ئارمىيەسى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، سايلانغان ھۆكۈمەتنى تەختتىن چۈشۈرگەن ئارمىيە، دۆلەتتە بىر ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى.

1612674
بىرما ئارمىيەسى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى مىن ئاڭ خلايىڭ (Min Aung Hlaing) ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە 13-16-ئاپرېلدىكى دىنىي يېڭى يىل تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن 30-ئاپرېلغىچە ئارمىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال خلايىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بەزى ئىشلاردىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئارمىيە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پائالىيەتلەرگە قارشى جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدىشى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ سىرتىدا» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرما ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەتنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان دۆلەت پارلامېنتى ۋەكىللىك كومىتېتى، 2008-يىلى ئارمىيە تۈزگەن، ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇننى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ياردىمى بىلەن فېدېراتسىيە ئارمىيەسى قۇرۇشقا تىرىشقان دۆلەت پارلامېنتى ۋەكىللىك كومىتېتى تۋىتتېردا، ئۆزى تەييارلىغان ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلدى.

دۆلەت پارلامېنتى ۋەكىللىك كومىتېتى يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دۆلەت پارلامېنتى ۋەكىللىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدىن كېيىن، ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى خەلق، يانگون ۋە ماندالايدا 2008-يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن كىتابىنى كۆيدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

بىرمادا 6-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 536 گە يەتتى.

سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، 2 مىڭ 729 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، 120 ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر