ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە قارىتا يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش، دۆلەتكە كىرىپ 5 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

1611457
ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە قارىتا يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرى روبېرتو سپېرانزا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر تەكشۈرۈش، ئىتالىيەگە كېلىپ، 5 كۈنلۈك كارانتىن ئاستىدا تۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى شەرت قىلىنغان قارارنامەنى ئىمزالىدىم.»

ئۇ يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن، 14 كۈنلۈك كارانتىن ئاستىدا تۇرۇش تەدبىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر