ئىراننىڭ بىر قانچە شەھىرىدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش باشلاندى

ئىران خەلقى خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش باشلىدى.

1611301
ئىراننىڭ بىر قانچە شەھىرىدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرىگە يىغىلغان خەلق ئاممىسى ئىران بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،  ئىران پارلامېنتى ئالدىغا يىغىلغان 200 دىن ئارتۇق تېھرانلىق، ئىران بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشچىلار «ئىران سېتىلمايدۇ»، «ۋەتەن ساتقۇچىلارغا ئۆلۈم»، «بىز ئۇرۇش قىلىمىز، ئۆلىمىز ۋە ئىراننى قايتۇرۇپ ئالىمىز» دەپ شوئارلارنى توۋلىغان.

ئەلبۇرز ۋە ئىسپاھان ئۆلكىلىرىدىمۇ ۋالىي مەھكىمىسى ئالدىغا توپلانغان پۇقرالار كېلىشىمگە قاتتىق نارازلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار «خىتاي! ئىراندىن يوقال!»، «كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ كوچىلاردا يۈرۈدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىرانلىقلارمۇ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ  كېلىشىمگە نارازلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ھەپتە ئاخىرىدا تېھراندا رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولغان ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت  ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل ساھەلەر بويىچە 25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن ئىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ 2016-يىلىدىكى تېھران زىيارىتى جەريانىدا، تۇنجى قېتىم ئىراندا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېىلىنگەن ۋە  ئىرانمۇ قاتناشقان خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر