ۋولقان بوزقىر بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى رەئىسى ۋولقان بوزقېر بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن سىن كۆرۈنۈشلۈك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

1611014
ۋولقان بوزقىر بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى رەئىسى ۋولقان بوزقېر بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن سىن كۆرۈنۈشلۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ب د ت بىلەن ئامېرىكانىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋولقان بوزقېر يىغىننىڭ تاراتقۇلار تەرىپىدىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان بۆلۈمىدە، ئامېرىكانىڭ ب د ت نىڭ مۇھىم ھەمراھى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بوزقېر، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا ئورگانلار بىلەن قايتىدىن يارىشىپ، ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن ب د ت ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ھەمكارلىقنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يىغىننىڭ يېپىق قىسمىدا، كوۋىد – 19 يۇقۇمى ۋە ۋاكسىنىنىڭ باراۋەر، شۇنداقلا ئادىل تەقسىملىنىشى، بېرمادىكى سىياسىي ئۆزگىرىش، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئىسرائىلىيە- پەلەستىن مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېنمۇ مەزكۇر مەسىلىلەرنى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ يالغۇز ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ يېڭى ۋە تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ب د ت سىستېمىسىنىڭ بۇنىڭ ئەڭ ياخشى قوراللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە ھەمكارلىقىدا ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر