رۇسىيە S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭمۇ قول ئىلكىدە بار بولغان S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە ئېتىلىشى كۆرسىتىلگەن بىر ۋىدېئونى ئېلان قىلدى.

1611511
رۇسىيە S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق بۇريات جۇمھۇرىيىتىدىكى تېلېمبا ئېتىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىردا S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىشلىتىلدى.

تۈركىيە ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن S-400 ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا رايون ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن 2017-يىلى 11- ئاپرىلدا رۇسىيە بىلەن توختام ئىمزالىغان ئىدى.

تۈركىيە بۇ يېڭى ئەۋلاد ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن تۆت باتارېيەنى سېتىۋالغان ئىدى. بۇ باتارېيەنىڭ تۈركىيە دۇچ كېلىىدىغان رايوندىكى تەھدىتلەردىن ئۈنۈملۈك قوغدىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ سىستېما 600 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى نىشاننى بايقىيالايدۇ، 30 كىلومىتىر ئېگىزلىككە چىقالايدۇ ۋە 400 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى 80 نىشاننى بىرلا ۋاقىتتا پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ. ئالۋاستى ئايروپىلان شۇنداقلا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىمۇ  مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يوقىتالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر