موسكۋا پۇتىننىڭ بايدىننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ - قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنىڭ جەزملىشىشى ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياج بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1611048
موسكۋا پۇتىننىڭ بايدىننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ - قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ پۇتىننى كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

پېسكوۋ، رۇسىيەنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىقى ۋە پۇتىننىڭ كىلىمات مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ مەسىلە ناھايىتى مۇھىم، ئەگەر تەكلىپ رەسمىي يوللار ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولسا، مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى.

پېسكوۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پۇتىننىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنىڭ مۇئەييەنلىشىشى ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 23- مارتتا پۇتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى  22- ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر