لىۋاندا مۇساپىرلارنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

لىۋان باش تەپتىشى غەسسان ئوۋەيدات، ھەربىي سوتتىن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قىيناش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

1611176
لىۋاندا مۇساپىرلارنىڭ قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، لىۋان باش تەپتىشى غەسسان ئۇۋەيداتنىڭ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن مۇساپىرلارنىڭ قىيىن – قىستاققا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 23- مارت ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا، 4 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 سۈرىيەلىك مۇساپىرنىڭ لىۋان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ مۇئامىلە ۋە قىيناشلارغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

لىۋاندا 2014- 2021 - يىللىرى ئارىلىقىدا قولغا ئېلىنغان مۇساپىرلار دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

لىۋان جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى خەلقئارا  كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن بۇ ئەيىبلەشنىڭ سىن خاتىرىسىنى ئۆزلىرىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ساقچى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، قارمىقىدىكى ئوفېتسىرلارنىڭ مۇساپىرلار ئالدىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر