ئالياسكادا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ ئالياسكا ئىشتاتىدا تۈنۈگۈن (2021-يىلى 28-مارت) بىر تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1610326
ئالياسكادا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ نىك بىزۇلۇ (Knik Buzulu) رايونىدا، «AS50-يۈروكوپتېر» تىپلىق بىر تىك ئۇچار نامەلۇم  سەۋەبلەردىن چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، بىر كىشى ئېغىر يارىلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا، ئالياسكا قۇتقۇزۇش كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى يېتىپ باردى.

ھازىرچە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىنمىدى، دۆلەت قاتناش خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #ئالياسكا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر