خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

خىتاينىڭ ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى پاراخوتى شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى دە-تالاشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.

1610410
خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا ناھىيەسىدىكى 11- رايون دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

شۇ جاي ۋاقتى سەھەر سائەت 4 ئەتراپىدا دەتالاشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىنى ئايلانغان پاراخوتلار، سائەت 4 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە مىنامى – كوجىما ئارىلىنىڭ 20 كىلومېتىر جەنۇبىغىچە يېقىنلاشقان.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى خىتاي پاراخوتلىرىنى رايوندىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېدىيا ئورگىنى — NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پاراخوتلىرى سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا بۇ يىل (2021) ئىچىدە 11 قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر