بىرمادا جېنىدىن ئايرىلغان نامايىشچىلار سانى 459 غا چىقتى
بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى نامايىشلارنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 459 غا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلغان كۈنلۈك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەتتە 36 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقنىڭ توغرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، جەمئىي ئۆلۈم سانىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 459 غا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا يەنە، بىرمادا 2 مىڭ 559 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە 119 كىشىنىڭ مەخپىي تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، بىرما ئارمىيەسى بىلەن كارەن ئېتنىك گۇرۇپپىسىنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدىغان «كارەن دۆلەت ئىتتىپاقى» ئوتتۇرىسىدىكى توقۇقۇشلار، تۈنۈگۈنمۇ (2021-يىلى 28-مارت) داۋاملاشتى.
بىرما ئارمىيەسى كارەن ئىشتاتىغا قاراشلىق ھپاپۇن رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، 3 مىڭ پۇقرا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.
تۈنۈگۈن بىرما ئارمىيەسىنىڭ ماندالايدا ئوت قويۇپ بەرگەن بىر بىنادا يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 11 كىشى يارىلاندى.