ئۇيغۇر رايونى ۋە موڭغۇلىيەدىن كەلگەن قۇم بورىنى بېيجىڭنى باستى

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ يەنە بىر قېتىم غەربىي شىمالدىكى ئۇيغۇر رايونى ۋە موڭغۇلىيەدىن كەلگەن قۇم بورىنىنىڭ ئېغىر تەسىرى ئاستىدا قالدى.

1610035
ئۇيغۇر رايونى ۋە موڭغۇلىيەدىن كەلگەن قۇم بورىنى بېيجىڭنى باستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدىكى قۇم-بوىنى سەۋەبىدىن ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر دەرىجىدە ئاشقان. كۆرۈش مۇساپىسى بىر كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان.

بېيجىڭ ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى نازارەت قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان باياناتت، پايتەخت بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ «خەتەرلىك» تۈرىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېقىنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە مەركىزى  بۇ يىللىق ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن بېيجىڭنىڭ ئاپرېلدا تېخىمۇ ئېغىر قۇم-بورىنىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خىتايدا 16-مارتتا غەربىي شىمالدىن باشلىغانچە شەرقىي رايونلارغىچە بېسىپ كەلگەن قۇم-بورىنى سەۋەبىدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خىتايدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ 4 باسقۇچى كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىلد رەڭلىك شىگناللار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر