سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھاماس ئەمەلدارى مۇھەممەد ئەل ھۇدارىنىڭ قاماققا ئېلىنىشى نارازىلىق قوزغىدى

غەززەدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا قاماققا ئېلىنغان ھاماس ئەمەلدارى مۇھەممەد ئەل ھۇدارىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1609949
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھاماس ئەمەلدارى مۇھەممەد ئەل ھۇدارىنىڭ قاماققا ئېلىنىشى نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەخمىنەن 2 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 83 ياشلىق ھۇدارىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز ۋە ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سەلمانغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھۇدارى ۋە ئوغلى ھانىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىدا بولدى.

ھۇدارىنىڭ ئىنىسى ئابدۇلماجىد ھۇدارى باياناتىدا، «بىز بۇ يەرگە سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۈرمىگە تاشلانغان، زۇلۇم قىلىنغان، راك كېسەل بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن توپلاندۇق» دېدى.

ئابدۇلماجىد ھۇدارى رىياد ھۆكۈمىتىگە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مەسىلە توغرىسىدا رەسمىي يازما يوللىغانلىقىنى، ئەمما تېخىچە جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ھاماس ئەمەلدارى مۇھەممەد ئەل ھۇدارىنى2019-يىلى 4-ئاپرېلدا قولغا ئالغان ئىدى.

ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىم 23-مارتتا ئېلان قىلغان بايانتىدا، ھۇدارىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھازىم قاسىم ھۇدارىنىڭ ھېچقانداق جىنايى ئەيىبلەش يوق تۇرۇغلۇق قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ پەقەت «پەلەستىن دەۋاسىنى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قانۇنلۇق كۈرىشىنى قوللاش» ئىكەنلىكىنى  تەكىتلەپ،  سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ھۇدارى ۋە باشقا قولغا ئېلىنغان ھاماس مەئۇسللىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ھاماس ھۇدارىنىڭ 2 يىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل ئەمەلدارى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنى، ھاماس ھەرىكىتى ئىچىدىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز  ئۈستىگە ئالغان كىشى ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ، چوڭ ئوغلى ھانىنىڭ ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمەستىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ھاماس ھەرىكىتىمۇ ھۇدارى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا تۇتۇلغان بۇ پوزىتسىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سەپەرۋەرلىكنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر