كانادادا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا بىر كىشى قازا قىلىپ، 6 كىشى يارىلاندى
كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھرىدە يۈزبەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا بىر كىشى قازا قىلدى.
1609906
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋانكوۋېردىكى ئاۋات سودا رايونىدا، بىر كىشى كۇتۇپخانا ئالدىداتۇرغان كىشىلەرگەن پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا بىر ئادەم قازا قىلىپ، 6 كىشى يارىلاندى.
ئالاقىدار تارماقلار گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمغا دائىر تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىلىقتا، باش مىنىستىر جۇستىن ترۇدو تىۋىتتېر ھېسابىدا يارىلانغانلاردىن ھال سورىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.