ھىندونېزىيەدە بىر چېركاۋغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 14 كىشى يارىلاندى

ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى ماكاسسار شەھىرىدىكى چېركاۋنى نىشان قىلغان بومبا ھۇجۇمىدا 14 كىشى يارىلاندى.

1609814
ھىندونېزىيەدە بىر چېركاۋغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 14 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي سۇلاۋېسى ساقچى ئىدارىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشخانىسى مەسئۇلى  ئې زۇلپان ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ۋەقەنىڭ  ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى ئېيتتى.

دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئارگو يۇۋونو بومبا ھۇجۇمىدا چېركاۋ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي سۇلاۋېسى ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، چېركاۋغا كىرىشكە ئۇرۇنغان 2 موتسىكلىتلىق ھۇجۇمچىدىن بىرسىنىڭ  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 10.28 ئۆتكەندە بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتىلاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يەنە بىر ھۇجۇمچى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ھىندونېزىيەدىكى «نەدلەتۇل ئۆلىما» (NU)  ۋە «ئۆلىمالار مەجلىسى» (MUI) قاتارلىق ئىسلامىي جامائەتلەر بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

ماكاسسار شەھەر باشلىقى مۇھەممەد رامادان پومانتو يەكشەنبە كۈنلۈك مۇراسىم ئۈچۈن يىغىلغان ئاممىنىڭ چىركاۋنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە  چېركاۋنى نىشان قىلغان ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

چېركاۋ ئالدىدىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغا قەدەر ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر