بېرما ئارمىيەسىنىڭ خەلققە قىلغان ۋەھشىيلىكىنى 12 دۆلەت بىرلىكتە ئەيىبلىدى

بېرما بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى قورالسىز نامايىشچىلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى 12 دۆلەت بىرلىكتە ئەيىبلىدى.

1609864
بېرما ئارمىيەسىنىڭ خەلققە قىلغان ۋەھشىيلىكىنى 12 دۆلەت بىرلىكتە ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە، كانادا، گېرمانىيە، گىرېتسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، دانىيە، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بېرما بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى قورالسىز نامايىشچىلارغا ئەجەللىك كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

مەزكۇر 12 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا بېرما ئارمىيەسىنى زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشىكە ۋە قىلمىشلىرى بىلەن بېرما خەلقىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

باياناتتا، مۇنتىزىم بىر ئارمىيەنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشى ۋە خەلققە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

بېرما بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى قورالسىز نامايىشچىلارغا «ئەجەللىك كۈچ ئىشلەتكەنلىكى» ئەيىبلەندى.

تۈنۈگۈن بېرمادا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوراللىق ئارىلىشىپ، 114 نامايىشچىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر