بايدىن ئەردوغاننى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى 22 – 23 – ئاپرېل كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.

1609398
بايدىن ئەردوغاننى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىپ مەكتۇپ يولىدى، ھەمدە مەكتۇبىدا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تۈركىيە پۇقرالىرى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ئارىلىقتا، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە جو بايدىن ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن سىرت يەنە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭمۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باشلىقلار يىغىنىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تېخىمۇ كەسكىن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ تەكىتلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «گلاسگوۋدا نويابىر ئېيىدا چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى كونفېرانسىدىن ئىلگىرى، بۇ يىغىن مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2017 – يىلى، ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «پارىژ كىلىمات كېلىشىمى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، 2019 – يىلى، 4 – نويابىر كۈنى بولسا كېلىشىمدىن رەسمىي ئايرىلغانىدى.

بايدىننىڭ يانۋار ئېيىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن كېيىن، ۋاشىنگتون، كېلىشىمگە تەكرار داخىل بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر