ئامېرىكا پەلەستىنگە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پەلەستىندىكى كاتولىك ياردەم خىزمەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كوۋىد – 19 نى تىزگىنلەش كۈرىشى ئۈچۈن 15 مىليون دوللار ياردەم قىلدى.

1608842
ئامېرىكا پەلەستىنگە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى
Muhammed Istiyye.jpg
abd disisleri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە 15 مىليون دوللار ئىنسانپەرۋەر ياردىمى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، بۇ ياردەمنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق قىلىنغانلىقىنى ۋە غەززە رايونى بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كاتولىك ياردەم خىزمەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرىشىگە ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

بۇ پۇلنىڭ يەنە مەزكۇر ئىككى رايوندىكى جىددىي ئاشلىق ياردىمى پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە، ئامېرىكانىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ئىنسانپەرۋەر ياردىمىگە «توغرا يۆنىلىشتە تاشلانغان بىر قەدەم» دەپ باھا بەردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ياردەم قىلىشنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشتە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم» دېدى.

پەلەستىن باش مىنىستىرى، ئامېرىكانىڭ ياردەملىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن توختاپ كەتكەنلكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر