مۇھەممەد يۇنۇس ئەلمەنفى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى رەئىسى مۇھەممەد يۇنۇس ئەلمەنفى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1608736
مۇھەممەد يۇنۇس ئەلمەنفى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىشىدىن كېيىنكى تۈركىيەگە قىلىنىدىغان بۇ تۇنجى قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىلتىزى چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەر ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان سۆھبەتلەردە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە رايون ۋە خەلقئارادىكى ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر