بايدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى  رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشتى.

1608952
بايدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى  رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس شەكلىدە كۆرۈشكەن.

 ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتناشقان، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىشېل رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇچرىشىشتا، بايدىن،  ئامېرىكا - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغان.

كۈچلۈك بىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭمۇ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، ئورتاق دىپلوماتىك قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سودا ۋە سېلىنما شېرىكلىكىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھاكىمىيەتتىنمۇ بەكرەك دېموكراتىيەنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلغان.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پىرېزىدېنت بايدىن، خىتاي ۋە رۇسىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرگە قارىتا دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئورتاق مەنپەئەتلەرنى قوغداش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، تۈركىيە، جەنۇبىي كاۋكاز، شەرقىي ياۋروپا ۋە غەربىي بالقان رايونلىرى مەسىلىسىدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر