بىرمادىكى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 320 گە چىقتى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 320 گە چىقتى.

1608889
بىرمادىكى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 320 گە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتى نامايىشلارغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىغان كۈنلۈك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەتتە يەنە، 34 نامايىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، نامايىشلاردا جەمئىي ئۆلۈم سانىنىڭ 320 گە چىققانلىقى ۋە جېنىدىن ئايرىلغان 264 كىشىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

56 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، جېنىدىن ئايرىلغان كۆپىنچە كىشىنىڭ 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بىرمانىڭ كاچىن ئىشتاتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان «كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيەسى»، ئىشتاتتىكى بىر ھەربىي قاراۋۇلخانىنى قولغا كىرگۈزدى.

بىرما ناۋ خەۋەرلەر تورى (Now) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى، 25-مارت (2021) كېچە باشلىغان ۋە 11 سائەت داۋاملاشقان ئېتىششىلاردىن كېيىن، خىتاي چېگراسىدىكى ئالاۋ بۇام بازىرىغا جايلاشقان قاراۋۇلخانا بىلەن بىر ھەربىي بازىنى قولغا كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن ئاڭ سان سۇچىنىڭ پارتىيەسى بولغان دۆلەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىگە مولوتوپ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئوت ئكچۈرۈش خادىملىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوتنى كونترول ئاستىغا ئالدى، ئەمما ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنالمىدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساخىتىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ ئۆتكۈزلىشىشىدىن كېيىن، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما ئرمىيەسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى ۋە نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما خەلقى 2021-يىلى 6-فېۋرال دېموكراتىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، نامايىش قىلىشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر