ياپونىيە: شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدې شىمالىي كورېيەنىڭ ياپون دېڭىزىغا ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1608068
ياپونىيە: شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدې، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى (NSC) تەرىپىدىن چاقىرىلغان جىددىي يىغىندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن شۇ جاي ۋاقتى 07.04 ۋە 07.23 دە قويۇل بېرىلگەن ئىككى دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكى ۋە مەخسۇس ئىقتىسادىي رايوننىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، «باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىنى چەكلەش قارارى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكەت ياپونىيە ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا، شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى دەپسەندە قىلماقتا، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەم نارازىلىق بىلدۈرىمىز.»

دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا، ھۆكۈمەتنىڭ قوللانغۇسى تەدبىرلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتقان سۇگا، بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئامما بىلەن ئورتاقلىشىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.

سۇگا يىغىندا، دېڭىز ۋە ھاۋا قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىر چارلاش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ۋە ھوشيارلىقنى قاتتىق ئۆستۈرۈش ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم، بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، جەنۇبىي كورېيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، خەلقنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى پۇختا قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.»

ئۇ، شىمالىي كورېيەگە قارىتا قانداق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش توغرۇلۇق، ئاپرېل ئېيىدا ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن بىرلىكتە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«‹كيودو› ئاگېنتلىقى» نىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بىرىنچىسى 420 كىلومېتىر، ئىككىنچىسى 430 كىلومېتىر مۇساپىلىق بولۇپ، ھېچقانداق بىر ئايروپىلان ۋە پاراخوتقا زىيان يەتكۈزمىگەن.

ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئەلچىخانىسى ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە نوتا تاپشۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر