سومالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىنالىرىغا قىلىنغان مىناميوت ھۇجۇمىدا ئۈچ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1608459
سومالىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داركىنلېي رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ئابدى يۈسۈف ب د ت ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باش ئورگىنى جايلاشقان خالان لاگېرىنىڭ مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، مىناميوت ئوقلىرىنىڭ لاگېر ئەتراپىدىكى ئۆيلەرگە تېگىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە ئۈچ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، بەش ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.


خەتكۈچ: #ھۇجۇم , #سومالى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر