سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا مۇھىم تەلەپلەر قويۇلدى

پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى، خىتايغا  ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق يادرو پائالىيىتى مۇزاكىرىلىرىگە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشىنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىدى.

1608617
سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا مۇھىم تەلەپلەر قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى باش كاتىپى نايىف ئەل ھاجراف تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، باش كاتىپ نايىف ئەل ھاجرافنىڭ خىتايغا ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق يادرو پائالىىيەتكە دائىر مۇزاكىرىگە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشىنىڭ ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نايىف ئەل ھاجراف يادرو مۇھاكىرىلەرگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە قاتناش بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭمۇ كىرگۈزىشىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چەقىرىقتا بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشكەن.

ئامېرىكا ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئومۇمەن ئىراننى نېفىت پاراخوتى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش شۇنداقلا دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

ئىران بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر