پېنتاگون كۆچمەن بالىلارغا ۋاقىتلىق ئورۇن ئاجرىتىشقا باشلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون، كۆچمەن بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇن ئاجرىتىپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1608031
پېنتاگون كۆچمەن بالىلارغا ۋاقىتلىق ئورۇن ئاجرىتىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون، تېكساس ئىشتاتىدىكى ئىككى بازىسىدا سەھىيە ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىغا مېكسىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن كۆچمەن بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇن ئاجرىتىپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پېنتاگون يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەھىيە ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە مىنىستىرلىقنىڭ كۆچمەن بالىلارنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، پېنتاگون تېكساس ئىشتاتىنىڭ ست. ئانتونىيو شەھىرىدىكى لاكلاند بازىسىدىكى بىر ياتاق بىناسى بىلەن ئېل پاسو شەھىرىدىكى فورت بلىسس بازىسىدىكى ۋاقىتلىق مېھمانخانىدا كۆچمەن بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن.

بۇ جايلاردا قانچە بالىنىڭ قالىدىغانلىقى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلارنىڭ يىل ئاخىرىغىچە كۆچمەنلەر ئۈچۈن ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قىلىپ ئاجرىتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئامېرىكا چېگراسىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر كىرىزىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، رەسمىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى يانۋار ئېيىدا 5600 كۆچمەن بالىنى، فېۋرالدا 9300، مارت ئېيىنىڭ ئالدىنقى 20 كۈنىدە 11000 كۆچمەن بالىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.

ھازىرغىچە 11 مىڭ ئەتراپىدا بالا سەھىيە ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىنىستىرلىق 15 مىڭدىن ئارتۇق بالا ئۈچۈن پاناھلىنىش ئورنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا چېگراسىدىن ئۆتۈش ئەسناسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بالىلار، ئالدى بىلەن چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئدارىسىنىڭ نازارىتىدە، ئاندىن ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولغۇچە سەھىيە ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن ئورۇنلاردا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر