مېركېل: تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتگە ئىگە مۇھىم دۆلەت

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تۈركىيەنىڭ پەقەت ناتونىڭ ئىتتىپاقدىشىلا ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى چېگراسىدىكى ئىككىنچى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1608387
مېركېل: تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتگە ئىگە مۇھىم دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل، فېدېرتسىيە مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئاقدېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىكى قوشنىلىرىمىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشى ۋە پاراۋانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، بۇ بولۇپمۇ كۆپ يۆنىلىشلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزاسى تۈركىيە ئۈچۈن كۈچكە ئىگە، ئەلۋەتتە.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلنىڭ بۇ كۆپ يۆنىلىشلىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە دوكلات تەييارلىغانلىقىنى قەيت قىلغان  مېركېل، ئاقدېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ««ئالدى بىلەن، يېقىنقى ئايلاردا قىبرىس ۋە گىرېتسىيە سۇ تەۋەلىكلىرىدە يۈز بەرگەن ئىغۋاگەرچىلىك پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز رايونىدا سۈركىلىشنى ئازايتىش سىگنالى بېرىشى ۋە گىرېتسىيە بىلەن قايتىدىن دىيالوگ ئورنىتىشى خۇشاللىنارلىق ئەھۋالدۇر، قىبرىسنىڭ كېلەچىكى مەسىلىسىدە 1+5 دۆلەتلىرىنىڭ مۇزاكىرىلىرىمۇ  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋاملىشىدۇ.»

گېرمانىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆپ ساندا تۈركلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان  مېركېل، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز گېرمانلارنىڭ تۈركىيە بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىرىمىز بار.»

 مېركېل، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۈكۈت قىلىشنىڭ ئىشقا يارىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر دىيالوگىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز. دەرۋەقە، تۈركىيە بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار بولۇپ، كۆچمەنلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىن ئۆتكەللەرمۇ بۇ مەنپەئەتلەرنىڭ بىر پارچىسىدۇر، بۇ قىيىن ئۆتكەللەردىن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆتەلىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر