كولومبىيەدە ئېغىر سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى كولومبىيەدە شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتى 45 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1608011
كولومبىيەدە ئېغىر سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتلىك ئاپەت ۋە خەتەرلىك ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى، يامغۇر پەسلى باشلانغاندىن بۇيان دۆلەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دەريا تاشقىنلىرى ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپەتلىرىدە 45 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 23 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

3145 ئائىلىنىڭ سۇ ئاپىتى ۋە كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ، 36 مىڭ ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

كولومبىيەنىڭ ئانتىئوكيا، ۋاللې دېل كاۋكا، نارىنو، خۇيلا ۋە كۇندىناماركا قاتارلىق چوڭ ئۆلكىلىرى يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ.

دائىرىلەر يامغۇر پەسلى سەۋەبىدىن ئاممىنى ئۆستەڭ، دەريا قاتارلىق ئېقىن قىرغاقلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر