خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.
1608367
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، 6 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق زىيارەتلىرى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە پايتەخت ئەنقەرەگە كەلدى، ئاندىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ يى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ۋاڭ يى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيەدە بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
رۇسىيەنىڭ ستاۋروپول رايونىدا بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.