گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىرقچى ئۇچۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئۆزئارا يېزىشقان ئۇچۇرلىرىدا 16 ياشلىق بىر تۈرك قىزنىڭ ئۆلۈمىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا «يەنە بىر تۈرك ئازايدى» ئىبارىسىنى ئىشلەتكەنلىكى پاش بولدى.

1608433
گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىرقچى ئۇچۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە مەھەللىي تاراتقۇلىرى، روتتېردام ساقچى ئىدارىسىغا قاراشلىق ساقچىلارنىڭ ۋاتسئاپ گۇرۇپپىسىدىكى «ئىرقچى ئۇچۇرلىرى» نىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ساقچىلارنىڭ گوللاندىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، كۆچمەنلەر ۋە ئافرىقالىقلارنى كەمسىتىدىغان ئىرقچى خاراكتېرلىك ئىبارىلەرنى قوللانغانلىقى ئېنىقلاندى.

ساقچىلاردىن بىرىنىڭ مەكتەپتىن چىقىۋاتقان ئۆلتۈرۈلگەن ھۈمەيرا ئە. نى كۆزدە تۇتقان ھالدا «يەنە بىر تۈرك ئازايدى» ئىبارىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

روتتېردام ساقچى ئىدارىسى باشلىقى فرېد ۋېستېربېك، ساقچىلارنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

روتتېردام لايىھە ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىسى ھۈمەرا ئە. 2018 – يىلى 16 - دېكابىر مەكتەپتىن قايتىۋاتقان ئەسنادا سابىق ئوغۇل دوستى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ھۈمەيرا ئۆزىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا ساقچىلارغا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئەرز – شىكايەتلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقى ۋەقەدىن كېيىن ئېنىقلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر