ئىراق ئارمىيەسى تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ  27 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردى

ئىراق ئارمىيەسى موسۇلنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 27 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1607850
ئىراق ئارمىيەسى تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ  27 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق قوراللىق قىسملىرى باياناتچىسى بىرىگادا كوماندىرى گېنېرال يەھيا رەسۇل ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئارمىيەگە تەۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇلنىڭ ماھمۇر تېغى رايونىدا 14 كۈنلۈك ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەھيا رەسۇل ھەرىكەت جەريانىدا، 27 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تاغلىق رايوندىكى ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئاستىدا قالغان تېرورچىلارنىڭ جەسىتى تېخى تېپىلمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلار سانىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

يەھيا رەسۇل دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار بىلەن ئىراق ئارمىيەسىگە تەۋە تىك ئۇچار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتىنىڭ ھەرىكىتىگە ھاۋادىن ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014-يىلى 6-ئايدا ئىراقنىڭ موسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ئۆلكىلىرىنىڭ ھەممىسىنى شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈكنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ،  بۇ رايونلار بىر نەچچە يىلدىن كېيىن دائېشتىن تازىلانغان ئىدى.

ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى دائېشقا قارشى غەلبىسىنى ئېلان قىلدى.

گەرچە ئىراقنىڭ دائېشتىن تازىلانغانلىقىغا 3 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، دائېش ئىراقنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا ھازىرمۇ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر