ئەرمېنىيە تاغلىق قاراباغدىكى ئۇرۇش ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئەرمېنىيە پارلامېنتى تاغلىق قاراباغدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئېلان قىلغان «ئۇرۇش ھالىتى»نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

1607435
ئەرمېنىيە تاغلىق قاراباغدىكى ئۇرۇش ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە پارلامېنتى تاغلىق قاراباغدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلى ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش ھالىتىنى 118 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، 2020 – يىلى 27 – سېنتەبىردە ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ دۆلەت مىقياسىدا «ئۇرۇش ھالىتى» ۋە «ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك» ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان تاغلىق باغدا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرالماي مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە بېسىۋېلىنغان زېمىنلاردىن چېكىنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر