نىگېرىيەدە ئىككى خىل ۋاكسىنا ياسالدى
غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان نىگېرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ئىككى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىنىپ ياساپ چىقىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ھۆكۈمەت كاتىپى بوس مۇستافا (Boss Mustapha) بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيە ئالىملىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ئىككى ۋاكسىنا تەتقىق قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋاكسىنالارنىڭ كلىنكىلىق سىناقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ۋاكسىنالارنىڭ كىلىنكىلىق سىناقلىرى ئاخىرلىشىپ، تەستىق گۇاھنامىسى ئېلىنغاندىن كېيىن ئەملەش باشلىنىدۇ. بۇ ئىلمىي تەتقىقاتتا يېڭى نۇقتىئىينەزەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان، دۆلەتتىكى تېببىي سانائەتنىڭ كەيپىياتىنى ۋە ئوبرازىنى ياخشىلايدىغان تەرەققىيات» دېدى.
ئۇ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلىرىنى تەتقىقاتچىلارنى جاسارەتلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى قوللاشقا چاقىردى.
نىگېرىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئېرىشىش پىروگراممىسى (COVAX) رامكىسىدا، 4 مىليون 224 مىڭ ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.