نىگېرىيەدە لاسسا قىزىتمىسى ۋاباسى تارقىلىشقا باشلىدى

نىگېرىيەدە ھايۋاندىن ئىنسانغا يۇقىدىغان ۋە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان لاسسا قىزىتمىسى يۇقۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 42 گە چىقتى.

1607838
نىگېرىيەدە لاسسا قىزىتمىسى ۋاباسى تارقىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋابا سەۋەبىدىن يەنە ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. بۇنىڭ بىلەن، يانۋار (2021) ئېيىدىن بۇيان ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 42 گە چىققان. بۇ جەرياندا، پۈتكۈل دۆلەتكە تەسىر قىلغان ۋابادا ئېدو، ئوندو، كادۇنا، تارابا، ئېبونيى، پلاتېئاۋ ۋە باۋچى ئىشتاتلىرىدا ۋاباغا مۇناسىۋەتلىك 191 ۋەقە بايقالغان.

مالى، توگو، گانا، لىبېرىيە، سېررالېئون قاتارلىق نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىدە كۆرۈلگەن لاسسا قىزىتمىسى نىگېرىيەدە 1969-يىلى تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىكى بورنو ئىشتاتىدا بايقالغان ئىدى.

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى 2019-يىلى لاسسا قىزىتمىسى سەۋەبىدىن مەملىكەت مىقياسىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغان ئىدى.

ھەر يىلى قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىدىغان نويابىر ۋە ماي ئايلىرىدا كۆپىيىدىغان لاسسا قىزىتمىسى ۋاباسى، 2019-يىلى 129 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. 2020-يىلى بولسا، 28 ئىشتاتتا 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

چاشقان مايىقىدىن يۇقىدىغان كېسەللىك، ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغان بولۇپ، ئۆلۈمنى ۋە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىزىتمىغا سەۋەب بولىدۇ.

نىگېرىيە دائىرىلىرى خەلقنى دىزىنفېكسىيەگە دىققەت قىلىش، چاشقان ۋە باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر