ماكرون: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

1607197
ماكرون: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ماكرون فىرانسىيەنىڭ «فرانس5» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى «ئەگەر تۈركىيە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتسە، ياۋروپاغا كەلگەن 3 مىليون مۇساپىرىڭلار بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ماكرون، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئەزاسى ۋە مۇھىم سودا شېرىكلىرىنىڭ بىر بولغان تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ماكرون، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە: «ئەمدى سىلەر بىلەن ھەمكارلاشمايمىز، سۆھبەتلەشمەيمىز» دېگەن تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ بىر كېچىدە چېگرا ئېغىزىنى ئېچىۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنداق ئەھۋالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىردىنلا ئۈچ مىليون مۇساپىر بىلەن يالغۇز قالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر