ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن رۇسىيەگە بىر تۈركۈم شەرتلەرنى قويدى.

1606574
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ چوقۇم ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشنى توختىتىشنى نىشان قىلغان مىنسىك كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشى ھەمدە تور ھۇجۇمىنى توختىتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېلېفون سۆھبىتىدە ياۋروپا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، مىشېل ياۋروپا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۆۋەن نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق قىممەت قاراشلىرىنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر مىنىسىك كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش، ئەزا دۆلەتلەرگە تور ھۇجۇمى قىلىشنى توختىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش بولغاندىلا، ئاندىن باشقىچە يۆنىلىشكە قاراپ ماڭالايدۇ» دېيىلدى.

بۇ دائىرىدە، مىشېلنىڭ رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ناۋالنىيغا قىلىنغان سۇيىقەستنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە تەكشۈرۈلىشىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىشېل بىلەن پۇتىننىڭ يەنە، روسىيە ئىشلەپچىقارغان سپۇتنىك V ۋاكسىنىسىنىڭ ياۋروپا دورا ئاجانتىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر