ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كولورادو ئىشتاتىدىكى بىر تاللا بازىرىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1606424
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كولورادو ئىشتاتىدىكى بىر تاللا بازىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى.

بولدېر ساقچى ئىدارىسى، بولدېر شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 10 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمچىنىڭ  نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ساقچىنىڭ قازا قىلغانلىقى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كىملىكى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان يارىدار ھۇجۇمچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

يارىلانغان ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى تېخى ئاشكارىلانمىغان.

ئاقساراي باياناتچىسى جىن پساكى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ۋەقە توغرىسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر