ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ كونتروللۇقىدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ كونتروللۇقىدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى ھەلەبنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەتارىپ ناھىيەسى دوختۇرىانىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

1606517
ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ كونتروللۇقىدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگەر دوختۇرخانا خىزمەتتىن توختىساتەخمىنەن 400 مىڭ پۇقرانىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئەتارىب دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر خاللاق ھاكىمىيەت قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانىغا قۇرۇقلۇقتىن ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەر خاللاق دىتيۇرخانىنىڭ تۇيۇقسىز بومباردىمان ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «گېنېراتور ئۆيى، جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى ۋە نۇرغۇن كلىنىكا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى» دېدى.

ئۆمەر خاللاق دوختۇرخانىدا ئەتارىب ناھىيەسى ۋە ئەتراپىدا ياشايدىغان 400 مىڭ پۇقراغا سەھىيە مۇلازىمىتى قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېيىغا 6 مىڭدىن 7 مىڭغىچە پۇقرانىڭ داۋالىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھاكىمىيەت قىسىملىرى 2021-يىلى 21-مارتتا،  ئەل ئەتارىب ناھىيەسىدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمدا، 7 پۇقرا قازا قىلىپ، 5 نەپەر سەھىيە خادىمىنى قوشقاندا، جەمئىي 15 پۇقرا يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر