سومالىدا %70 ئائىلە پاكىز ئىچىملىك سۈيىدىن مەھرۇم قالماقتا

سومالىدىكى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن %70 ئائىلە پاكىز ئىچىملىك سۈيىدىن مەھرۇم قالماقتا.

1606490
سومالىدا %70 ئائىلە پاكىز ئىچىملىك سۈيىدىن مەھرۇم قالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدىكى «بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار» ناملىق خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد ھەسەن، دۇنيا سۇ كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ 18 رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

سومالىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سۇ يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ھەسەن: «تەخمىنەن %70 ئائىلە پەسىل خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن پاكىز سۇغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ» دېدى.

سۇ كەمچىللىكىنىڭ سومالىدىن باشقا كېنىيە، ئۇگاندا ۋە ئېفىيوپىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەسەن، سۇ مەسىلىسىنىڭ يېمەكلىك كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ: #سۇ , #سومالى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر