ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى باشلاندى

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يۈز تۇرانە يىغىن ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا توپلاندى.

1606873
ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يۈزتۇرانە يىغىن ئۈچۈن بىريۇسسېلدا توپلاندى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇبىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتو تاشقى ئىشلار يىغىنىغا قاتناشتى.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تەييارلىغان ناتونىڭ «2030- ناتو» ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئارقىدىن مىنىستىرلار ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسى بويىچە مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزىدۇ.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە يەنە، تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقاغا بولغان قارىشى، ھەمدە ناتونىڭ مەزكۇر رايونلاردا مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ئۈستىدە مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، رۇسىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ستولتېنبېرگ ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۆكتىچىلەرگە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئىنتېرنېت تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ناتو دۆلەتلىرىدىكى سايلاملارغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇپ، دېموكراتىيەلەرگە پالتا چېپىشقا تىرىشقانلىقىنى؛ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇشقاق پوزىتسىيە نامايان قىىلۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر