نىگېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

نىگېردا مالى چېگراسىدىكى يېزا – قىشلاقلارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 137 گە يەتتى.

1606449
نىگېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت باياناتچىسى زەكەرىييا ئابدۇرراھمانىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى تاھۇئا رايونىغا جايلاشقان ئىنتازايەنە، باروكات ۋە ۋىستانە يېزىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا 137 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

دەسلەپتە، ھۇجۇملاردا 30 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

نىگېردا ئالدىنقى ھەپتىمۇ مالى چېگراسىغا جايلاشقان تىللابېرى رايونىدىكى مال بازىرىدىن قايتىۋاتقان پۇقرالار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ھۇجۇمغا ئۇچراپ، كەم دېگەندە 58 كىشى جېنىدىن ئايرىلغانىدى، ئارقىدىنلا دۆلەت مىقياسىدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانىدى.

يانۋار ئېيىدىمۇ، دۆلەتنىڭ غەربىگە جايلاشقان تھومبانگو ۋە زارومدارە رايونلىرىغا جايلاشقان يېزا – قىشلاقلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا، كەم دېگەندە 100 پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ساھىل رايونىدا، «3 دۆلەت چېگراسى» دەپ ئاتالغان بۇركىنا فاسو، مالى ۋە نىگېر، يېقىنقى يىللاردا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەگە قاراشلىق گۇرۇپپىلار بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر