مىسىردىكى قۇم بورىنى سەۋەبىدىن مۇھىم پورتلار تاقالدى

مىسىردىكى قۇم بورىنى سەۋەبىدىن 3 پورتتىكى پائالىيەتلەر ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

1607036
مىسىردىكى قۇم بورىنى سەۋەبىدىن مۇھىم پورتلار تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر مېتېئورولوگىيە ئىنستىتۇتى ناچار ھاۋارايىنىڭ مىسىرنىڭ بەزى جايلىرىدا قۇم بورىنىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى نىل دېلتىسىغا جايلاشقان بۇرۇللۇس پورتىدىن باشقا يەنە، قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى سۇۋەيىش ۋە نوۋەيبا پورتلىرىنىڭمۇ تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پايتەخت قاھىرە، ئىسكەندىرىيە، ئاسيۇت ۋە كەفرۇش شەيخ رايونىدا دوختۇرخانا، يول ۋە بىنالاردا يەرلىك ئورگانلارنىڭ جىددى ھالەت سەۋىيەسىدە  تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر