دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باي دۆلەتلەردىن ئاغرىندى

باي دۆلەتلەردە ئەملەنگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنىڭ سانى بىلەن كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن ۋاكسىنا سانى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى چوڭايماقتا.

1606596
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باي دۆلەتلەردىن ئاغرىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus) باي دۆلەتلەردە ئەملەنگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى بىلەن كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىناغا ئېرشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان «خەلقئارا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرى دۇنياۋى پىروگراممىسى» تەمىنلىگەن ۋاكسىنا سانى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە، سىنلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئىسىم بەرمەستىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ بارلىق نوپۇسىنى ئەملەش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن رىقابەتكە كىرگەنلىكىنى، ئەمما كىرىمى ئاز دۆلەتلەردە ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ باشلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جەنۇبىي كورېيەنىڭ كىرىمى يۇقىرى دۆلەت بولسىمۇ، ۋاكسىنا شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزمىگەنلىكىنى ۋە «كوۋاكس» (COVAX) ۋاكسىنالىرىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جەنۇبىي كورېيەنى باي دۆلەتلەرگە ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى.

ئۇ ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاسترازېنېكا دورا شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ياسىغان ۋاكسىنانىڭ ئامېرىكادىكى ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناقتا ئۈنۈمىنىڭ %79 كە يەتكەنلىكىنى ۋە ئەڭ مۇھىمى بۇ ۋاكسىنانىڭ قان قويۇقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ مەلۇماتلار ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر» دېدى.

بۇ جەرياندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مارىيانگېلا سىماۋ (Mariangela Simao) ئافرىقادا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى رەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر ۋاكسىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەممە ئىش نورماللاشتى، ئافرىقا قىتئەسىدە ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى رەت قىلغان ھېچقانداق دۆلەت يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر