ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە توققۇز كىشى يارىلاندى

ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مىياگى ئىشتاتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 20-مارت (2021) تا يۈز بەرگەن 6.9 بال يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلارنىڭ سانى توققۇزغا چىقتى.

1605807
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە توققۇز كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە «NHK» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، 20-مارت شەنبە كۈنى توھوكو رايونى مىياگى ئىشتاتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە توققۇز كىشى يارىلانغان.

ياپونىيەنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالىدا قۇرۇلغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدا ھازىرچە بىنورماللىق كۆرۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مىياگى ئىشتاتىنىڭ ئوشىكا يېرىم ئارىلىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە شۇ يەر ۋاقتى 18 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە 60 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئىدى.

يەر تەۋرەش توھوكو رايونىغا جايلاشقان ئاۋمورى، ئىۋاتە، فۇكۇشىما، ئاكىتا، ياماگاتا ئىشتاتلىرى بىلەن پايتەخت توكيو ۋە ئەتراپىدىكى ئىشتاتلاردىمۇ ھېس قىلىندى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر