ئامېرىكادىكى خىتايلار ۋە باشقا ئاسىيالىقلار ئون نەچچە شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكانىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋە  6 نەپىرى ئاسىيالىق بولۇپ، جەمئىي 8 ئايال قازا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن، دۆلەت مىقياسىدىكى ئاسىيالىقلار ئاسىيالىق ئامېرىكالىقلارغا قارشى ئايرىمچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

1605855
ئامېرىكادىكى خىتايلار ۋە باشقا ئاسىيالىقلار ئون نەچچە شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيالىق ئامېرىكالىقلار ۋە تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىن كەلگەنلەر (AAPI) ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات ئامېرىكانىڭ غەربىدىكى سان فىرانسىسكودىن شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى پىتتسبۇرگقىچە بولغان ئون نەچچە شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزدى.

قوللىرىدا «بىز بۇ يەرگە تەۋە»، « ئاسىيالىقلار ئەمەس، ئىرقچىلىق ۋىرۇستۇر»، «ئاسىيالىقلارغا بولغان ئۆچمەنلىك توختىتىلسۇن» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرىنى ئىرقچى  ھۇجۇملارغا قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىردى.

ئاسىيالىق ئامېرىكالىقلار ۋە تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىن كەلگەنلەر «AAPI» تەشكىلاتى تەرىپىدىن 19-مارتتا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئاسىيالىقلارغا قارىتا بىر يىلدا 3800 قېتىم كەمسىتىش پوزىتسىيەسى ۋە ئىرقچىلىق ھۇجۇمى  ئېلىپ بېرىلغانلىقى،  بۇ ھۇجۇملارنىڭ %68 ى ئاياللارغا  ۋە % 29 ى ئەرلەرگە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

16-مارتتا، جورجىيا ئىشتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە 3 ئۇۋۇلاش ئۆيىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا، ئاسىيالىق 6 ئايالنى قوشقاندا 8 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان 21 ياشلىق جىنايەت گۇماندارى روبېرت ئارون لوڭ، سوتتا تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن سەككىز قېتىم قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر