قاتار خىتاي بىلەن 10 يىللىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزدى

قاتار خىتاي بىلەن يىللىق سېتىش مىقدارى 2 مىليون توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG)  سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 يىللىق كېلىشىم تۈزدى.

1606133
قاتار خىتاي بىلەن 10 يىللىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قاتار نېفىت شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينىڭ سىنوپېك گۇرۇھى بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز LNG سېتىش ۋە تەمىنلەش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قاتارنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە قاتار نېفىت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى سائاد شېرىدا ئەل قابى ۋە خىتاينىڭ سىنوپېك گۇرۇھى رەئىسى جاڭ يۈجۇنىڭ سىن يىغىنى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قاتاردىن خىتايغا تەبىئىي گازنىڭ يەتكۈزۈلۈشى 2022-يىلى 1-ئايغىچە باشلىنىدىغانلىقى، كېلىشىمنىڭ 10 يىللىق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ھەر يىلى 2 مىليون توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG)  سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

قاتار 2009-يىلى سىنتەبىردە، خىتايغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) ئېكسپورت قىلىشنى باشلىغان ئىدى.


خەتكۈچ: #خىتاي , #قاتار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر