جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ كۆرۈشۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدى
رۇسىيە ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا قىلغان سىنلىق كۆرۈشۈش تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا سۇنغان سىنلىق كۆرۈشۈش تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «ئامېرىكا ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 19-مارت ياكى 22-مارتتا بايدىن بىلەن يىغىلىپ قالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق مەسىلىلىرىنى جەمئىيەتكە ئوچۇق ھالدا سىنلىق كۆرۈشۈپ مۇزاكىرە قىلىش تەلىپىنى قوللىمىدى. رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە، ۋاشىنگتوننىڭ خاتالىقلىرى بىلەن پەيدا بولغان مەسىلىلەردىن قۇتۇلۇش يولىنى تېپىش ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت قولدىن كەتتى. بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى پۈتۈنلەي ئامېرىكاغا تەئەللۇق» دېيىلدى.
رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ پۇتىن-بايدىن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۈگۈن كۆرۈشۈش پىلانلىرى يوق. مېنىڭ بىلىشىمچە ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭغا تەييار ئەمەس» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 17-مارت (2021) پۇتىننىڭ «قاتىل» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىغا قول تىققانلىقى ئۈچۈن «بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بۇنىڭغا قارىتا جو بايدىنغا «سالامەتلىك» تىلەپ:
«باشقا دۆلەتكە، خەلققە ياكى كىشىلەرگە باھا بېرىش ئەينەككە قاراشقا ئوخشايدۇ. ئەينەكتە ھەر قاچان ئۆزىمىزنى كۆرىمىز» دېدى.
پۇتىن بايدىنغا سىنلىق كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.