ھىندونېزىيەنىڭ مېراپى يانار تېغى پارتلىدى

ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىغا جايلاشقان مېراپى يانار تېغىدا پارتلاش يۈز بەردى.

1605751
ھىندونېزىيەنىڭ مېراپى يانار تېغى پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە گېئولوگىيەلىك ئاپەت، تېخنىكا ۋە تەتقىقات مەركىزى (BPPTKG) تەرەپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارتلاشتا يانار تاغدىن پۈركۈلگەن كۈل ۋە ئىسنىڭ 1300 مېتىر ئېگىزلىككە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھىندونېزىيە گېئولوگىيەلىك ئاپەت، تېخنىكا ۋە تەتقىقات مەركىزى (BPPTKG)  مەسئۇللىرى «ئاپېلسىن رەڭلىك» ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

يېقىندىن بۇيان مېراپى يانار تاغىدا ھەرىكىتلىنىش كۈچەيگەن بولۇپ، يانار تاغنىڭ ئەتراپىدىن 5 كىلومىتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا پائالىيەت قىلماسلىق ئاگاھلاندۇرىشى يېڭىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر