بىرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىغان سىياسەتچىلەر قوراللىق قىسىم قۇرۇشقا ئاتلاندى

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان ۋە ھەربىي ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىغان سىياسەتچىلەر، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش قىلىۋاتقانلارنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشقا تىرىشماقتا.

1606082
بىرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىغان سىياسەتچىلەر قوراللىق قىسىم قۇرۇشقا ئاتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن خەلق ھۆكۈمىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان دۆلەت پارلامېنتى ۋەكىللەر كومىتېتى ئەزالىرىدىن زىن مارئاڭ، بىرما «ناۋ» (Now) خەۋەر تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقنى ھەربىي ھۆكۈمەتتىن قوغدايدىغان قوراللىق قىسىمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن باشقا ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مەقسىتىمىزنىڭ %80 گە يەتتۇق. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈۋاتىمىز» دېدى.

زىن مارئاڭ ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن باشقا، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان سىياسىي پارتىيە ۋە نامايىشچى گۇرۇپپىلار بىلەن مەزكۇر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىرقى ئەھۋالغا قارىتا قانداق ئىتتىپاقلىق ئورنىتىپ ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. بىزگە كەلگەن جاۋابلار ناھايىتى ئىجابىي» دېدى.

كومىتېتنىڭ ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلارغا «تېررورىست» سۈپىتىدە قارىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن زىن مارئاڭ: «ھازىرغىچە بىرما خەلقى بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلغان بارلىق ئېتنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز» دېدى.

ئۇ بىرما ئارمىيەسى ئىچىدىمۇ ئۆز خەلقىگە قورال تەڭلەشنى خالىمىغان ھەربىيلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋىجدانى بار ھەربىيلەرنى ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى مەيدانىنى نامايان قىلشقا چاقىردى.

ھەربىي ئكزگىرىشكە قارشى نامايىشلارنى تەشكىللىگۈچىلەردىن كېرېن خېن: «خەلق قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارىماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر