بىرما ئارمىيەسىنىڭ بېسىمىدا مىڭلارچە كارەن خەلقى يۇرت- ماكانلىرىدىن ئايرىلغان

بىرما ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشايدىغان يىلتىزى موڭغۇللارغا تۇتىشىدىغان كارەن خەلقىگە قىلىۋاتقان بېسىمى، مىڭلارچە كارەن خەلقىنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

1605936
بىرما ئارمىيەسىنىڭ بېسىمىدا مىڭلارچە كارەن خەلقى يۇرت- ماكانلىرىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ئايلاردا تېخىمۇ كۈچەيگەن ۋە 2021-يىلى 1-فېۋرالدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىنمۇ داۋاملاشقان بېسىمى، كۆپىنچىسى دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان كايىن ئىشتاتىدا ياشايىدغان تەخمىنەن 8 مىڭ كارەننىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ بېسىمىدىن قېچىپ، ئورمانلىقلاردا پاناھلانغان كارەنلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ ئېھتىياجلىرىنىڭ، كارەنلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كارەن مەملىكەتلىك ئازادلىق ئارمىيەسى(KNLA)  نىڭ سىياسىي قانىتى كارەن مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىرمانىڭ تايلاند چېگراسىغا جايلاشقان كايىن ئىشتاتىدا ياشايدىغان كارەن خەلقى 1994-يىلىدىن بۇيان بىرما مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمكتە. 1990-يىلى بىرما ئارمىيەسى بىلەن مۇستەقىلچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئونمىڭلارچە كارەن خەلقى يۇرت-ماكانلرىدىن ئايرىلىپ، قوشنىسى تايلاندتا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، چېگرانىڭ تايلاند تەرىپىدىكى لاگېرلاردا، تەخمىنەن 100 مىڭ كارەن ياشىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر