ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 85 نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى

ئىراقتا خەلقئارا بىرلەشمە قىسىملار شىمالدىكى تاغلىق رايوندا 133 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى  قىلىش ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 85 نىشاننى پاچاقلاپ تاشلىدى.

1605303
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 85 نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىخەتەرلىك مېدىيا ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، نىنوۋا قوماندانلىق ئورگىنى تەرىپىدىن قاراتاغنىڭ تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت  10 كۈن داۋاملاشقان.

باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە 61 پاناھجاي ۋە 24 ئۆڭكۈرنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى ھەمدە نۇرغۇن تېرورچىلارنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014-يىلى 6-ئايدا ئىراقنىڭ موسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىنى، شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈكنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغان ئىدى.  بۇ رايونلار بىر نەچچە يىلدىن كېيىن دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان ئىدى.

ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى دائېشقا قارشى غەلبىسىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىراق دائېشتىن تازىلانغىنىغا 3 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، دائېش مەزكۇر ۋىلايەتلەرنىڭ يېزا قىشلاقلىرىدا ھازىرغىچە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ: #دائېش , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر