شىمالىي كورېيە مالايسىيادىكى ئەلچىخانىسىنى رەسمىي تاقىدى

مالايسىيادا شىمالىي كورېيە ئەلچىخانىسى ئەتراپىغا مۇخبىرلارنىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساقچى توسمىسى قۇرۇلدى.

1605281
شىمالىي كورېيە مالايسىيادىكى ئەلچىخانىسىنى رەسمىي تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 09:00 ئەتراپىدا خىزمەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇس كۇئالالۇمپۇردىكى شىمالىي كورېيە ئەلچىخانا بىناسىغا باردى. ئاپتوبۇس 11:00 دە ئەلچىخانا بىناسىدىن يولغا چىقىپ، كۇئالالۇمپۇر خەلقئارا ئايرودورۇمىغا  يېتىپ كەلدى.

مالايسىيا ئالىي سوت مەھكىمىسى 2019-يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان شىمالىي كورېيە پۇقراسى مۇن چول ميوڭنى پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن سوتلاش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قوغلاپ چىقىرىش قارارى ماقۇللىغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 19-مارتتىكى باياناتىدا، مالايسىيا سوتىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «مالايسىيا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى» ئېلان قىلغان ئىدى.

شۇ كۈنى مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باياناتىنى ئەيىبلەپ، شىمالىي كورېيە ئەلچىخانىسى خىزمەتچىلىرى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ 48 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر